Menu Close

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ھەققىدە

فىرانسىيەدە ئۇزۇن مەزگىلگىچە بىردىنبىر ئاكتىپ ئۇيۇشما بولۇپ ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوغۇزنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى پەقەت فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خەۋەرلەندۈرۈش ۋە تەربىيىلەشنى ئاساسلىق قىلغان ئىنىستىتۇتنىڭ نىشانى بىر تۈركۈم ئاڭلىق، يۇقىرى تەربىيە كۆرگەن، ئۆز مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلغان، بارلىق ئىنسانلارنىڭ مىللىتى، دىنى ۋە جىنسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە كەمسىتمەيدىغان، شۇنداقلا ياۋروپا پۇقرالىق ئاڭ سەۋىيەسىنى يېتىلدۈرگەن ياش ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. 

گەرچە غەرپ دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار سانى ئاز بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر ياۋروپادا 10000 ئەتراپىدا، فرانسىيە ئۇيغۇر ئاھالىسى بۇنىڭ ئالاھەزەل 10 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلار ياۋروپادىكى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان بىر مىللەت توپلىمى. شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپادا ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىگە تېز سىڭىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى كۆرسىتىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت بىرلەشكەن بىر ئورگاننىڭ بولۇشى بىر ئېھتىياج ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆز دۆلىتىدە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن مۇشۇنداق بىر دەۋردە،بۇ شانلىق ۋە تارىخى مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ياۋروپادا چوڭ بولۇۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ داۋام قىلدۇرۇشى ۋە تېخىمۇ جانلاندۇرۇشى ئۈچۈن،بىر ئىلمى ئىجدىمائىي ئالى مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم بىر مەجبۇرىيەتتۇر.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى، كۆپ قىسمى ئوتتۇز ياشلىقلارنى ئىگەللىگەن ياۋروپادىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتىت ۋە ئىنىستىتۇتلارنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى گەۋدە قىلغان ھالدا، ياۋروپا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن غايىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەركىزى گەۋدىسى فىرانسىيەدە بولغان مەزكۇر ئىنىستىتۇت تاپاۋەتسىز ئورگان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئەزالارنىڭ پىدائىي خىزمىتىگە تايىنىدۇ ۋە ئالدى بىلەن ئون يىلدىن بېرى ئورۇنداپ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ :

1. ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي ھەققىدىكى ئىلمى تەتقىقات يىغىنلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇش.  
2. ئۇيغۇرلارغا نەزەر ناملىق فىرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە ژۇرنالنى داۋاملىق تۈردە نەشىر قىلىش.

بۇلاردىن باشقا ئىنىستىتۇت يەنە باشقا يېڭى خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
1. تىپىك ئوتتۇرا ئاسىيا پۇرىقىغا ئىگە بىر ئۇيغۇر چايخانىسى. بۇ ئورۇن فىرانسىيەدىكى بىردىنبىر ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغۇسى.
2. كۈتۈپخانە : رۇسچە ۋە خىتايچە مەنبەلەرنى مەركەز قىلغان مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىققا ئاتالغان ھەر تىلدىكى كىتاپلار،ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلار توپلانغان مەخسۇس ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسى ئۇيغۇر چايخانىسى تاملىرىنى مەغرۇرانە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
3. دۇكان : ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيۇملىرى ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تىپىك مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان بوتكا ئۇيغۇر چايخانىسى ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.  
4. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى : ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ ياۋروپادا ئىنتايىن ئاز تەتقىقات تېمىسى بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ياۋروپا ئوقۇرمەنلىرىگە تامامەن ناتونۇش ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ياۋروپانىڭ ئاساسلىق تىللىرى بولغان ئېنگىلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە گېرمان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تا ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن ئىنسان پەنلىرىنىڭ كىلاسسىك ئاساسلىرى بۇ تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنىدۇ.
5. ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇرسلىرى : ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قارىمىقىدىكى پارىژ ئانا تىل مەكتىپىمىزدە ئۈچ يىلدىن بېرى فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن تەسىس قىلىنىۋاتقان ئانا تىل دەرسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت دەرسلىرى كېڭەيتىلىپ، پارىژدىكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەرسلىرى ئېچىلىدۇ. پارىژ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا، فىرانسۇز تىلى، ئېنگىلىز تىلى ۋە تۈرك تىللىرى دەرسلىرى تەسىس قىلىنىدۇ.
6. مەمۇرىي مۇلازىمەت : فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك مەمۇرىي ھاياتىدا دۇچ كېلىدىغان قېيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، تەرجىمانلىق ۋە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ.
7. ئوقۇش ۋە كەسپى مەسلىھەتچىلىك : ياۋروپادىكى ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ ۋە خىزمەت تاللاش ئىشلىرىغا مەسلىھەت كۆرسىتىش مۇلازىمىتى تەسىس قىلىنىدۇ.
8. ئاياللار ئۈچۈن قانۇنى بىلىملەر : ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقى ۋە تەربىيىسگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار بىلەن داۋاملىق كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش، ئۇلار ئۈچۈن ھەپتىلىك قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش

بىز ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرغان ئاساستا، ھازىرقى زامان مەدەنىي، لايىك ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر ئىنىستىتۇت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىمىز. بىز ئۈچۈن ياۋروپا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا، ئۆز دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشى ۋە تۇرۇۋاتقان جەمئىيىتىگە ئۆزىدىكى مىللىي خاسلىقنى بىر بايلىق سۈپىتىدە قاتالىشى بەكمۇ مۇھىم. شۇ سەۋەبتىن بىز ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ياكى ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ ياردىمىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىزكى، ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى ھەرقانداق دىنىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىمىز. مۇستەقىللىق ياروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر قىممەتتۇر.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قۇرۇشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ؟
ياۋروپادا ھازىر 10000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، ئاساسلىقى گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشكەن. فىرانسىيەدە تەخمىنەن 800-1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەسلى ئۇيغۇر رايونى (ۋەتەن) دىن كەلگەن، ئاز بىر قىسمى غەربى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. فىرانسىيە ئۇيغۇرلىرى تېخى بۇ دۆلەتكە يېڭى بولۇپ، تەڭدىن تولىسى 2000-يىللاردىن تارتىپ، ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تېخى يېشى 40 تىن تۆۋەن بىر ياش جامائەت.

ئۇزۇنغىچە فىرانسىيەدىكى بىردىنبىر ھەرىكەتتىكى ئۇيغۇر ئورگىنى بولغان بولغان ئوغۇز ئۇيۇشمىسى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كەلگەن، ۋەتەن بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدا داۋاملىق قاتناپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوغۇز ئۇيۇشمىسى ئون يىل مابەينىدە ئاساسلىق پائالىيىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فىرانسىيە ئۇنىۋېرسىتلىرىدا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقات يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەمدەمدە بولۇش … قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ كەلگەن.  

بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيەدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،بەزىلىرى 2015-2016 يىللىرىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى خىزمەت ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن فىرانسىيەدە يەرلىشىپ قالدى. كۆپلىرى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بىر-ئىككىدىن بالىلىق بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى زورىيىشقا يۈزلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەننىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىشىمۇ ئاساسەن ئۈزۈلدى. شۇ سەۋەپتىن، ئون يىلدىن بېرى، فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فىرانسۇزلارغا تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلما ئۆزگىرىشى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. دەل شۇ سەۋەپلەردىن، ئىككى يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، 2019-يىلى 1-ئايدا ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆزگىرىپ، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى  ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى فېستىۋاللار ئارقىلىق فىرانسىيە ئۇنىۋېرسىتىتلىرىغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرشۇناسلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، خىزمەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ يۇقىرى بىر ئىلمى تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى بولۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغىلا ئەمەس، تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ۋە بۇ مەدەنىيەتنى ئۆزىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن ۋە سۆيگەن بىر ئەۋلات ياۋروپالىق ئۇيغۇر ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، ئەسلى ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدا كۆپ قىسمەن ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى يۇقىرى قاتلام ئەقىل ئىگىلىرى جەمئىيىتىگە سىڭىپ بولۇنغان تەتقىقاتچىلار بولسا، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭى خىزمەتكە چىققان، يېڭى ئولتۇراقلاشقان ياكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ياۋروپا جەمئىيىتىگە ئۆزلىشىشى ۋە  ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت قىممەت قارىشى ۋە قانۇنى ئېڭىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، كوللىكتىپ بىر كۈچ بولالىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولالايدىغان، دىنىي ۋە سىياسىي خارەكتېرسىز، ئىلمى ئورگاننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، فىرانسىيە ئۇيغۇر جامائىتى زورىيىۋاتىدۇ. يېڭى ئەۋلاتلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان بۇ پەرزەنىتلەرنىڭ ئانا تىلنى ياخشى ئىگەللىشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرۈشى، شۇنداقلا ئۆز مىللىتىدىن پەخرلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىلمىي تۈستە بۇلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان، شۇ مەدەنىيەت ۋە تىلنى نامايەندە قىلىدىغان بىر كونكېرت ئورۇننىڭ بولۇشى شەرت.    

 

شۇ سەۋەپتىن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلىشىنى قوللاش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش تولىمۇ زۆرۈر!

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ