Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 4 – سان

 

 

 مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارغا نەزەر  ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!

ژۇرنال گۇرۇپپىمىزدىكى ھەربىر ئەزانىڭ بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىشى ۋە بىرلىكتە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مەزكۇر 4-ساننى سىلەرگە سۇنۇپ تۇرۇپتىمىز. ھەرقايسىڭلارنىڭ يۇقىرى قىزغىنلىقى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىر جەھەتتىن بىزنىڭ ئەسەرلەرگە بولغان تەلىپىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن بىزنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قورشىدى. مانا مۇشۇ قىزغىنلىق بىلەن بىز ھەربىر ئەسەرنى بىرمۇ-بىر تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ساقلىغىنىغا چۇشلۇق سۇنغان ئەمگەك نەتىجىمىزدىن رازىلىق ھېس قىلىشىڭلارنى تىلەيمىز.

بۇ ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى توغرىلىق توختىلىشتىن ئاۋۋال، سىلەرنى ژۇرنالنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلىرىدىن ۋاقىپ قىلىشنى توغرا تاپتۇق. كۆپ ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق »ئۇيغۇرلارغا نەزەر«نى كېيىنكى، يەنى 5-ساندىن باشلاپ يىلدا تۆت سان ئەمەس بەلكى ئىككى سان نەشىر قىلىشنى ھەمدە ئۇنىڭ بەت سانىنى 40 تىن 60 غا كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. بۇنداق قىلىشمىزنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ كۆپرەك ئەسەر ئېلان قىلىش، يېڭى سەھىپىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ھەربىر ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆرۈرۈش بولۇپلا قالماي يەنە ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋە ئەۋەتىلىش ۋاقتىغا تېخىمۇ قاتتىق رىئايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئۇشبۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ژۇرنالنىڭ مۇشتەرى باھاسىنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى بېكىتتۇق.

مەزكۇر سانىمىزنىڭ مەركىزىي تېمىسى ئۇيغۇر تائاملىرى توغرىسىدا بولۇپ، «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىمىزدە شائىر ئابلەت ئابدۇللادىن بىر پارچە مۇخەممەس ۋە ياش ئەدىب گۈلباھار ئەزىزدىن قىسقا بىر پارچە نەسىر سۇندۇق. ئۇيغۇر تائام سەنئىتىمىزگە بولغان مەدھىيەلەر كۈچلۈك ئەكس ئەتكەن ئۇشبۇ ئەسەرلەر يۈرەكلەرگە لەرزان مېلودىيە ئارقىلىق سىڭىپ كىرسە، «ئىلمىي مۇھاكىمىلەر» سەھىپىسىدە بېرىلگەن تەتقىقات ماقالىسى ئۇيغۇر لەغمىنى توغرىلىق ئىچكىرىلەپ يېزىلغان ئانالىزدۇر. ئىتالىيەلىك ياش تەتقىقاتچى نىكول روددا ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر رايونلىرىدا تۇرۇش، ئۇيغۇرلار بىلەن ئ‍ارىلىشىش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش جەريانىدا، بىزنىڭ تائام مەدەنىيىمىزگە، بولۇپمۇ لەغمەنگە كۆپ قىزىققان. شۇ ۋەجىدىن ئۇ كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئەجرى سىڭگەن بۇ تەتقىقات ماقالىسىنى بىزگە سۇنغان.

ھەربىر ساندىكى ژۇرنىلىمىزدا بار بولغان «فرانسىيەدىكى ھايات» سەھىپىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى فرانسىيدە تۇرۇشلۇق ھەم تۇرۇش پىلانى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتۇر. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىم مەزكۇر سەھىپە فرانسىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەركىمنىڭ ئۆزى قىزىققان ۋە لايىق بولغان كەسىپنى قانداق تېپىش، قانداق كەسىپ ئالماشتۇرۇش يەنە ئېراسمۇس پروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇش دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان چەت ئەللەردە بېشىمىزدىن ئ‍ۆتكەن ئىشلار بايان قىلىنغان ھېكايىلەرنى ئۇشبۇ سانىمىزدا يەنە داۋام ئەتتۇق. بۇ قېتىم پارىژدا ئوقۇيدىغان بىر ياشنىڭ مېترودىكى بىر ئۇچرىشىشتىن ئويلىغانلىرى خاتىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ھەر ساندىكىدەك «فرانسۇز تىلى» سەھىپىمىزدە فرانسۇز تىلى توغرىسىدا بېرىلگەن دەرسلەرنىڭ داۋامىنى سىلەرگە سۇندۇق. ئۇندىن باشقا، ھەر سانىمىزدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سادىر پالۋان ھېكايىسىنىڭ ماڭگا نۇسخىسى بۇ سانىمىزدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئىشىنىمىزكى، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ، ئەمگىكىمىزگە قويغان قاتتىق تەلەپنى داۋاملاشتۇرساق، ھەربىر ئۇيغۇر سۆيۈنگىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز ئېنىق. شۇ ۋەجىدىن پۈتكۈل ژۇرنال گۇرۇپپىسىدىكىلەر نامىدىن سىلەرگە سەمىمى تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاخىرىدا، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە يېڭى يىلدا بەخىت ۋە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە، 2015-يىللىق ژورنىلىمىز مۇشتەرىلىكىنى ئۆزۈڭلارغا ۋە يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى خىزمەت گۇرۇپپىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ