• تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ، تور ئىئانە پائالىيتىمىزنى قوللاپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز. بىرلىكتە ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدايلى!

ياۋروپادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدايلى

بىر كوللىكتىپ، بىر ئورتاق غايە، بىر ئورتاق كۆڭۈلدىن ئىئانە

بۇ ئىئانە پائالىيىتىنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەشكىللىدى.

بىز كىم ؟

بىز ئون يىلدىن بېرى، پارىژدا ئورتاق نىشاندا بىرلىكتە ئۇيۇشما پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە ياۋروپالىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كوللىكتىپ. گۇرۇپپىمىز ئىجدىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى، كومپىيوتىر مۇتەخخەسسىلىرى، شىركەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار يەنە شۇنداقلا يېمەك ساھەسى خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەممىمىز ئۆز خىزمىتىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن سىرت، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ڧىرانسىيەدە تارقىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ كەلدۇق. كوللىكتىۋىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ دەل ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە پەرقلىق ساھەلەردىن كېلىپ چىققان ئەزالار توپلىمى بولغانلىقىدىدۇر.

نېمە قىلماقچىمىز ؟

پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ھەر بىرىڭلارغا ئېھتىياجلىقمىز !
ئون يىللىق كۆچمەن ئۇيۇشما تەجرىبىمىزنىڭ كۈچى بىلەن، خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر مەخسۇس ئورۇن تۇتۇشنى قارار قىلدۇق. مەقسىدىمىز ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يېڭىدىن قېتىلىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزغا ياخشى ئۈگىتىش، ياۋروپالىقلارغا باي مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتۇش، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە سادىق ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ئىلغار ياۋروپالىق ئۇيغۇر ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. ئىنىستىتۇت يەنىلا ئۇيۇشما خاراكتېرلىك بولۇپ، يەنە ئاساسەن كۆڭلى – كۆكسى كەڭ، ئىنسانپەرۋەرلىكى كۈچلۈك، ھەر ساھە، ھەر مىللەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەقسىز ۋە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە تارقىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

نېمىشقا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېچىش زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي خەلقلەردىن بىرى، شۇنداقلا ئەڭ ئاۋال شەھەرلەشكەن تۈركى خەلق بولۇپ، پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭلا ياكى تۈرك دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىر شانلىق تارىخ ۋە كۈچلۈك مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت. 70 يىلدىن بېرى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچ يىلدىن بېرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مىللىي يوقىلىش خەۋپىدە تۇرماقتا. ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارغا مەنئىي قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمەكتە. تىل ۋە مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ كىملىك ئاچقۇچلىرى، بۇ ئىككى ئېلىمىنىت يوقىتىلسا، مىللەت تامامەن يوقاپ كېتىدۇ. تارىختا بۇخىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدا يوقاپ كەتكەن مىللەتلەر ئاز ئەمەس.

مۇشۇنداق بىر تارىخى باسقۇچتا، ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن ۋە بۈگۈن ۋەتەن سىرتىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بۇ دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە تولۇق ۋە توغرا يەتكۈزۈش بىلەنلا قالماي، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يەرلىكلەرگە تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىمۇ ئۆز سېپىمىزگە تارتىشىمىز، تاكى ۋەتەن ھۆر بولغانغا قەدەر بۇ گۆھەرلىرىمىزنى قوغدىشىمىز بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىز.

بۇ ئورۇننىڭ ئاددىي بىر مەدەنىيەت ئۆيى ئەمەس بەلكى بىر ئىنىستىتۇت بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فىرانسىيەدە شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلىرىدە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە مەسلىھەتلىشەلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كونكېرت مەسىلىلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر رەسمىي ئىلمىي ئورگان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقالىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىستىتۇتنىڭ خىزمەتلىرى ئىچىدە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە – نەشرىيات خىزمىتىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

نېمىشقا مەزكۇر ئىنىستىتۇت پارىژدا ئېچىلىدۇ ؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنى ئۈچۈن پارىژنى تاللىشىمىز ئىنتايىن تەبىئى بىر قارار ئىدى. چۈنكى مەزكۇر ئىنىستىتۇت ئون يىلدىن بېرى پارىژنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغان ئوغۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىيات نەتىجىسى. ئوغۇز ئۇيۇشمىسى بۇ ئون يىل جەريانىدا فىرانسىيەنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئەڭ جانلانغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئوغۇز ئۇيۇشمىسى تەركىبىدە 2013-يىلدىن بېرى، تۇنجى غەرب تىلىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ژورنىلى "ئۇيغۇرلارغا نەزەر" نەشىر قىلىنىپ كەلدى. ئوغۇز ئۇيۇشمىسى ياۋروپادىلا ئەمەس، پۈتۈن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرشۇناسلىق، ئۇيغۇرپەرۋەرلىك مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنى يارىتىپ بەردى. قىسقىسى، بۇ ئون يىل جەريانىدا، فىرانسىيە ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدى.

گەرچە ئىنىستىتۇتنىڭ مەركىزى ئورنى پارىژ بولسىمۇ، ئەمما دەرۋازىمىز ئېچىلىپ، ئەھۋالىمىز سەل مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار قويۇق ئولتۇراقلاشقان ئاساسلىق دۆلەتلەردە شۆبە تەسىس قىلىمىز. ھەر بىر دۆلەتتىن بىر ئايال ۋە بىر ئەر زىيالىي ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەكىلى بولۇپ بەلگىلەندى.

ئىنىستىتۇت بىناسىنىڭ كىملەرگە پايدىسى بار ؟

ئىنىستىتۇتنىڭ بىر بىناغا ئىگە بولۇشى ئالدى بىلەن دىئاسپورادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە پايدىسى بار. ئۈچ يىلدىن بېرى بىز پارىژدا ئانا تىل مەكتىپى ئاچتۇق ۋە بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئانا تىل دەرسىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇل دەرسلىرى تەسىس قىلدۇق. ھازىرچە ئانا تىل ئۈچۈن ئۈچ ئوقۇتقۇچى، مەدەنىيەت دەرسلىرى ئۈچۈن ئىككى ئوقۇتقۇچىمىز بار.

ئىنىستىتۇتىمىز تەركىبىدىكى پارىژ ئانا تىل مەكتىپى مانا ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى ۋە بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرى ۋە ئۇسسۇلى دەرسلىرىنى باشلىدى. ئەمما ئۆز ئورنىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىت ۋە ئورۇن مەسىلىسىدە، شۇنداقلا يەنە باشقا دەرس ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور قېيىنچىلىقلار مەۋجۇت. بالىلار ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن تارتىپ، ئائىلىدە گەرچە ئاتا-ئانىلار ئۇيغۇرچە سۆزلىسىمۇ، ھەپتىدە بىر قېتىم ئانا تىل دەرسىگە بارسىمۇ، ئەمما بىر-بىرى بىلەن يەنىلا تۇرىۋاتقان دۆلىتىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىشى، ئانا تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە قىينىلىشى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق دۆلىتىمىزگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش پۇرسىتىمۇ ئىنتايىن ئاز. ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ياۋروپادا چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئۆز مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلمەسلىك، شۇ سەۋەپلىك پەخىرلەنمەسلىك ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتكەن مەخسۇس بىر ئورۇننىڭ بولۇشى ۋە بۇ ئورۇننىڭ ئىلغار، ئىلمىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن مۇنتىزىم بولۇشى، ھەم پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى كېلىدىغان، باشقىلارغا پەخىرلىنىپ كۆرسىتىدىغان بىر كونكېرت ئورۇن بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

قىلماقچى بولغان بارلىق پائالىيەتلەر، ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسى، ئىنىستىتۇت نەشرىياتى ۋە ئۇيغۇر چايخانىسى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورۇن بولمىسا، بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ناھايىتى قېيىنغا توختايدۇ.

ئىنىستىتۇت قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ ؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنى ئىككى قىسىملىق بولۇپ، بىرىنچى قىسمى كۈتۈپخانە ۋە چايخانىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئىككى تەرەپتىكى تاملىرىغا پۈتۈنلەي كۈتۈپخانە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار، تۈركى خەلقلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت بارلىق تىللاردىكى كىتاپلار قويۇلىدۇ. چايخانىغا كەلگەن كىشىلەر بۇ كىتاپلارنى چاي ئىچكەچ ئوقۇيالايدۇ. پۈتۈن ئىنىستىتۇت بىناسى ئۇيغۇرچە بېزىلىدۇ، ۋىۋىسكا ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە ۋە فىرانسۇزچە يېزىلىدۇ. ئىنىستىتۇت خادىملىرى ئۇيغۇرچە كېيىنىدۇ.

ئىككىنچى قىسمى ئىقتىسادى شارائىتقا قاراپ ئىككىنچى قەۋەت ۋە ياكى يەر ئاستىغا يەرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان دەرسلەر، ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى دەرسلىرى تەسىس قىلغاندىن باشقا، چوڭلارغا فىرانسۇز تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ئېنگىلىز تىلى، مۇزىكا دەرسى، ئۇسسۇل دەرسلىرى تەسىس قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غەربتە ھېچ تونۇلمىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نەمۇنىلىك ئەسەرلىرى فىرانسۇزچە، ئېنگىلىزچە، نېمىسچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىنىستىتۇت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدۇ. ئوخشاشلا، غەرب ئەدەبىياتى ۋە ئىنسانپەنلىرى كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرچە ئۈگىنىش قوللانمىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياۋروپا تىللىرى ئۈگىنىش قوللانمىلىرى تۈزۈلۈپ، نەشىر قىلىنىدۇ.

توپلانغان پۇل نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ ؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى يەنىلا تاپاۋەتسىز تەشكىلات بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن ئەزالارنىڭ ھەقسىز كۈچ چىقىرىشىغا تايىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ چايخانە ئاساسى خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا مەلۇم مىقداردا رىغبەت سوممىسى بېرىلىدۇ. چايخانىنىڭ كىرىمى بىنانىڭ ئىجارىسى، ئۇششاق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

مەزكۇر تور ئىئانىسىدىن توپلانغان ئىقتىساد پارىژ شەھەر مەركىزى ياكى مەركەزگە ناھايىتى يېقىن بولغان، مېتروغا يېقىن شەھەر ئەتراپىدىن ئاز دېگەندە 120 كىۋادىرات مېتىر، ئىككى قەۋەتلىك، كوچىغا قارايدىغان بىر بىنا ئىجارىگە ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىچىگە چايخانە ۋە كۈتۈپخانە قۇراشتۇرۇش لازىم بولغاچقا، قۇرۇلۇش چىقىملىرى، ھازىر بولغاندىن كېيىن، ئىچىگە كېتىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ماتېرىياللار، سەرپىياتلار، ھەر كۈنلۈك چايخانە چىقىملىرى، رۇخسەت ھەقلىرى، چايخانە خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىغبەت ھەققى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مۆلچەرلەنگەن چىقىملار

توپلانغان ئىقتىساد تور ئىئانە سۇپىلىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بانكا ھېسابىغا كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تور ئىئانە سۇپىلىرى سىلەر قىلغان ھەربىر قېتىملىق ئىئانىدىن مەلۇم پىرسەنتنى ئۆزلىرى ئېلىۋالىدۇ، شۇ سەۋەپلىك توپلانغان ئىقتىسادنىڭ ھەممىسى ئىنىستىتۇت ھېسابىغا تولۇق كىرمەيدۇ.

سىزنى دىئاسپورادىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىنارىمىزنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن، بىر تال خىشىڭىزنى قويۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.

تاما-تاما كۆل تولار !

ئالاقىلىشىڭ

ئېلىخەت ئادىرسى : contact (at) uyghur-institute (dot) org
ئادىرسى : TBA (To be announced)‎

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 3 - سان

 

 

 مۇھەررىردىن
ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!

ژورنال گۇرۇپپىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋاقتىدا مەزكۇر ساننى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئالدىرىغان بولساقمۇ، ئەمما سۈپەتلىك ماقالىلەرنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن ھەمدە قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن ئەسەرلەر ئۈستىدە قايتا-قايتا ئىشلەش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاپتورلار بىلەن يېنىش-يېنىش ئېلخەت ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، مۇددەتتىن ئارتۇق ۋاقتىمىز سەرپ بولدى. شۇنداقتىمۇ مانا ئاخىرى سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئالاھىدە سانىمىز ئىلمى ۋە ماددى جەھەتتىن كۆزلىگەن سۈپەتكە يېتىپ نەشىردىن چىقتى.

بۇ قېتىملىق سانىمىزنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىرىنجىسى ئاساسلىق تېمىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرىغا بېغىشلاندى. شۇنداق قىلىپ، ئەدەبىيات سەھىپىمىزدە ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ھازىرقى ئەڭ مۇنەۋۋەر شائىر ھېساپلانغان ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبى توغرىسىدا توختالدۇق. ژورنالنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان « مۇھاكىمە » سەھىپىمىزدە بولسا، ئۇيغۇر تورلىرىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە تارقىتىلغان ئاياللار توغرىسىدىكى ماقالىلەردىن ئۈچنى تاللاپ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئاياللار ئوبرازىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى ھەققىدە ژورنىلىمىز مۇھەررىرلىرىدىن كامىيې گرىن ۋە دىلنۇر رەيھانلارنىڭ تەھلىلىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

مەزكۇر ساننىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى بولسا، فرانسۇزچە قىسمىمىزنىڭ كىرىش سەھىپىسى بولغان « ئۇيغۇر رايونىغا نەزەر » دىن باشقا ئىككى تەرەپتىكى بارلىق ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش. شۇ سەۋەپتىن، ماقالىلەر يېنىغا « قىسقىچە مەزمۇن » بېرىلمىدى.

« فرانسىيەدە ھايات » سەھىپىمىزدە فرانسىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىچىدىكى مەرغۇبە ئابدۇغەنىنىڭ فرانسىيە سەرگۈزەشتىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان پراكتېكا تېپىشتىكى ئۇسۇللار ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار توغرىسىدىكى ئويلىغانلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن بەھىرلەندۈرۈشكە بەردۇق. « ئۇيغۇر تىلى » ۋە « فرانسۇز تىلى » دەرسلىرى بۇ ئىككى تىلنى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى. « خەۋەرلەر » بېتىمىزدە بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خاتىرە كۈنى بولغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى ھەققىدىكى ئويلار ۋە تەسىراتلارغا قايتىپ كەلدۇق.

ئۇيغۇر ئاياللارغا بېغىشلانغان مەزكۇر سانىمىز پەقەت بۇ تېمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئەسەرلەر، ئىلمى ماقالىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن كىيىنكى سانلىرىمىزدا بىز يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى توغرىلىق كۆپ توختىلىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىق نۇقتىلىرىدا تەتقىق ئېلىپ بارىدىغان ئىلمى خادىملارنىڭ بىزگە ئەسەر يوللىشىنى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلمى تەتقىقات بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ئىنسان پەنلىرى ئىچىدىكى غوللۇق بىر ئىلىم ئورنىغا كۆتۈرۈشكە تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا بارلىق قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزگە باھارلىق ئىللىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە، يەنە ژورنىلىمىزنى ھوزۇر بىلەن سۆيۈپ ئوقۇشىغا تىلەكداشمىز !

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى خىزمەت گۇرۇپپىسى

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 4 - سان

 

 

 مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارغا نەزەر  ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!

ژۇرنال گۇرۇپپىمىزدىكى ھەربىر ئەزانىڭ بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىشى ۋە بىرلىكتە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مەزكۇر 4-ساننى سىلەرگە سۇنۇپ تۇرۇپتىمىز. ھەرقايسىڭلارنىڭ يۇقىرى قىزغىنلىقى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىر جەھەتتىن بىزنىڭ ئەسەرلەرگە بولغان تەلىپىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن بىزنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قورشىدى. مانا مۇشۇ قىزغىنلىق بىلەن بىز ھەربىر ئەسەرنى بىرمۇ-بىر تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ساقلىغىنىغا چۇشلۇق سۇنغان ئەمگەك نەتىجىمىزدىن رازىلىق ھېس قىلىشىڭلارنى تىلەيمىز.

بۇ ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى توغرىلىق توختىلىشتىن ئاۋۋال، سىلەرنى ژۇرنالنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلىرىدىن ۋاقىپ قىلىشنى توغرا تاپتۇق. كۆپ ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق »ئۇيغۇرلارغا نەزەر«نى كېيىنكى، يەنى 5-ساندىن باشلاپ يىلدا تۆت سان ئەمەس بەلكى ئىككى سان نەشىر قىلىشنى ھەمدە ئۇنىڭ بەت سانىنى 40 تىن 60 غا كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. بۇنداق قىلىشمىزنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ كۆپرەك ئەسەر ئېلان قىلىش، يېڭى سەھىپىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ھەربىر ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆرۈرۈش بولۇپلا قالماي يەنە ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋە ئەۋەتىلىش ۋاقتىغا تېخىمۇ قاتتىق رىئايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئۇشبۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ژۇرنالنىڭ مۇشتەرى باھاسىنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى بېكىتتۇق.

مەزكۇر سانىمىزنىڭ مەركىزىي تېمىسى ئۇيغۇر تائاملىرى توغرىسىدا بولۇپ، «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىمىزدە شائىر ئابلەت ئابدۇللادىن بىر پارچە مۇخەممەس ۋە ياش ئەدىب گۈلباھار ئەزىزدىن قىسقا بىر پارچە نەسىر سۇندۇق. ئۇيغۇر تائام سەنئىتىمىزگە بولغان مەدھىيەلەر كۈچلۈك ئەكس ئەتكەن ئۇشبۇ ئەسەرلەر يۈرەكلەرگە لەرزان مېلودىيە ئارقىلىق سىڭىپ كىرسە، «ئىلمىي مۇھاكىمىلەر» سەھىپىسىدە بېرىلگەن تەتقىقات ماقالىسى ئۇيغۇر لەغمىنى توغرىلىق ئىچكىرىلەپ يېزىلغان ئانالىزدۇر. ئىتالىيەلىك ياش تەتقىقاتچى نىكول روددا ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر رايونلىرىدا تۇرۇش، ئۇيغۇرلار بىلەن ئ‍ارىلىشىش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش جەريانىدا، بىزنىڭ تائام مەدەنىيىمىزگە، بولۇپمۇ لەغمەنگە كۆپ قىزىققان. شۇ ۋەجىدىن ئۇ كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئەجرى سىڭگەن بۇ تەتقىقات ماقالىسىنى بىزگە سۇنغان.

ھەربىر ساندىكى ژۇرنىلىمىزدا بار بولغان «فرانسىيەدىكى ھايات» سەھىپىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى فرانسىيدە تۇرۇشلۇق ھەم تۇرۇش پىلانى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتۇر. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىم مەزكۇر سەھىپە فرانسىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەركىمنىڭ ئۆزى قىزىققان ۋە لايىق بولغان كەسىپنى قانداق تېپىش، قانداق كەسىپ ئالماشتۇرۇش يەنە ئېراسمۇس پروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇش دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان چەت ئەللەردە بېشىمىزدىن ئ‍ۆتكەن ئىشلار بايان قىلىنغان ھېكايىلەرنى ئۇشبۇ سانىمىزدا يەنە داۋام ئەتتۇق. بۇ قېتىم پارىژدا ئوقۇيدىغان بىر ياشنىڭ مېترودىكى بىر ئۇچرىشىشتىن ئويلىغانلىرى خاتىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ھەر ساندىكىدەك «فرانسۇز تىلى» سەھىپىمىزدە فرانسۇز تىلى توغرىسىدا بېرىلگەن دەرسلەرنىڭ داۋامىنى سىلەرگە سۇندۇق. ئۇندىن باشقا، ھەر سانىمىزدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سادىر پالۋان ھېكايىسىنىڭ ماڭگا نۇسخىسى بۇ سانىمىزدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئىشىنىمىزكى، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ، ئەمگىكىمىزگە قويغان قاتتىق تەلەپنى داۋاملاشتۇرساق، ھەربىر ئۇيغۇر سۆيۈنگىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز ئېنىق. شۇ ۋەجىدىن پۈتكۈل ژۇرنال گۇرۇپپىسىدىكىلەر نامىدىن سىلەرگە سەمىمى تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاخىرىدا، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە يېڭى يىلدا بەخىت ۋە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە، 2015-يىللىق ژورنىلىمىز مۇشتەرىلىكىنى ئۆزۈڭلارغا ۋە يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى خىزمەت گۇرۇپپىسى

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 8 - سان

 

 

مۇھەررىردىن

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، قولۇڭلاردىكى بۇ سەككىزىنچى سان 2018-يىلى باھاردا نەشىردىن چىقىپ، دەل نورۇز مەزگىلىگە ئۈلگۈردى. بىز بۇ يېڭى يىلنى بۇلتۇر توردا ئېلىپ بېرىلغان فوتو-سۈرەت مۇسابىقىمىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن باشلايمىز. بۇ مۇسابىقىنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن ھەرخىل پاسوندا تارتىلغان سۈرەتلىرىڭلارنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىلەرنىڭ مۇسابىقىنى ئاكتىپ قوللىغىنىڭلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق قاتناشقۇچى سۈرەتلەر ژورنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىن ئېتىبارەن ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلىدۇ. مۇسابىقىدە توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۇتۇپ چىققان ئۈچ پارچە سۈرەت ئىگىسى مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە تېگىشلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.
 
مەزكۇر سانىمىزنىڭ "ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھايات" سەھىپىسىدە فىرانسۇز كېزەرمەن لۈسىيەن بالېيرىننىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىش جەريانىدا كېزىپ ئۆتكەن قۇملۇق تەزكىرىسىنى نەزىرىڭلارغا سۇندۇق. "ئەدەبىيات" سەھنىمىزدە بولسا، زوردون سابىرشۇناس ئابدۇرىشىت ئوسمان ۋە ژورنىلىمىز تەھرىرى ئېھسان ئىسمائىلنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەدىپ زوردون سابىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ھەققىدە توختالدۇق. ژورنالنىڭ مەركىزى تېمىسى بولغان "ئىلمى مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات" قىسمىمىزدا بولسا، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخچىسى كرىستوفېر ئاتۋۇدنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلارغا ئاساسەن، موڭغۇل ئىمپىرىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئەپسانە ۋە تارىخى كەچمىشلەرنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ موڭغۇل ئىمپىرىيەسىدىكى ئورنىنى تەھلىل قىلغان تارىخى تەتقىقات ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. مەزكۇر ماقالىدىكى تارىخى تەسۋېرلەرنى تېخىمۇ جانلىقراق يورۇتۇش ئۈچۈن، ئاۋستىرالىيەلىك ئۇيغۇر رەسسام مۇنەۋۋەر ئابدۇللانىڭ چوڭقۇر ئابستراكىتلىق تەسۋېرگە باي رەسىملىرىنى كىرگۈزدۇق.
 
بۇلاردىن باشقا يەنە، فىرانسۇز تىلى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن، فىرانسۇز تىلى دەرسىمىز يېڭى سەۋىيە، يېڭى نۇقتىلار بويىچە، ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا چۈشەندۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، فىرانسىيەدە ياشايدىغان، ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، "فىرانسىيەدە ھايات" سەھىپىمىزدە، بۇ دۆلەتتە بانكا ھېسابى ئېچىش ۋە مەجبۇرى سۇغۇرتىلار توغرىلىق ئۇچۇرلار تەمىنلىدۇق.
 
2017- يىلى، خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان يەنە بىر تەتقىقاتچىدىن ئايرىلدۇق. يەنى فىرانسۇز تارىخچىسى، جوڭگوشۇناس فرانسوۋاز ئوبەن كېسەل سەۋەبى بىلەن، بۇلتۇر 7-ئايدا 85 يېشىدا بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. گەرچە بەكرەك موڭغۇلشۇناس بولسىمۇ، ئوبەن خانىم ھايات ۋاقتىدا، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى ۋە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. فىرانسىيە ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىمۇ باشتىن-ئاخىرى قوللاپ، بىز ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات يىغىنلىرىغا سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، چاقلىق ئورۇندۇقتا بولسىمۇ، باشقا بىر شەھەردىن ئاتايىن كېلىپ قاتنىشاتتى. ئوبەن خانىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا قوشقان ئەجرىنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز !
 
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلى ۋە نورۇزىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز !
 
ئۇيغۇرلارغا نەزەر خىزمەت گۇرۇپپىسى  

تارماق كاتېگورىيە تىزمىسى

ئالاقىلىشىڭ

ئېلىخەت ئادىرسى : contact (at) uyghur-institute (dot) org
كاتىپ : +33 (0)7.69.37.61.11
ئادىرسى : TBA (To be announced)‎