Menu Close

ئىئانە ۋە مۇشتەرىلىك

دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن تاشقىرى مۇھىتتا كۆچمەنلىك تارىخى ئۇزۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تېخى ھېچبىر دۆلەتتە رەسمى ئورنى بولغان، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرگەن، ئۇيغۇرلارنى شۇ دۆلەت ياكى رايوندا پەخىرلەندۈرگۈدەك بىر ئىلمى ئورگىنى مەيدانغا كەلگىنى يوق. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى دەل مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادا قەددىنى تىك كۆتۈرگەن، بىلىملىك، ئىختىساسلىق، ئۆز مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغان شۇنداقلا كۆچكەن دۆلەتلىرىگە ئۆزلەشكەن،شۇ يەردىكى باشقا كۆچمەن قەۋملەرگە ئۈلگە بولغۇدەك بىر ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچلەندۈرۈش پەقەت ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ قالماي، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى بولۇشى كېرەك.

خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چايخانىلاردەك، بىز بۇ جاينى ھەر يەرلەردىن كەلگەن قىزىققۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، سەنئەتكارلار، ھۈنەرۋەرلەر، سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇچرىشىش ئورنى قىلماقچىمىز. ھەرقانداق دىنىي ۋە سىياسىۋى بېسىملاردىن خالى ھالدا، ئەسلى ئىدىيە لىنىيىمىز بويىچە، پىكىر ۋە مەيدان مۇستەقىللىقىمىزنى ساقلاپ، بۇ گۈزەل پىلانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سىلەرنىڭ ئىقتىسادى قوللىشىڭلار چوڭ رول ئوينايدۇ.

شۇڭا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار ياۋروپادا ئىلمىي، ئوچۇق ئىدىيەلىك، ئۇيغۇرلۇقىنى ساقلىغان، قوغدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۇنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسىسىنى قوشىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ياۋروپا ئۇيغۇرلىرىنى تەربىيىلەپ چىقالايمىز.

مۇشتەرىلىك :

ئاددى مۇشتەرىلىك :
فىرانسىيە : 19.90 ياۋرو
ياۋروپا : 24.90 ياۋرو
دۇنيا : 29.90 ياۋرو

قوللاش مۇشتەرىلىكى :

فىرانسىيە : 30 ياۋرو
ياۋروپا : 35 ياۋرو
دۇنيا : 40 ياۋرو

ئىختىيارى سومما

IBAN: FR76 1820 6001 6765 0001 5838 582
BIC/SWIFT: AGRIFRPP882
 
 
 
 

Abonnez-vous

 

Choisissez votre abonnement

Abonnement simple (2 numéros)

France : €19,90 EUR – annuel
UE et Suisse : €24,90 EUR – annuel
Monde : €29,90 EUR – annuel

Abonnement de soutien

France : €30,00 EUR – annuel
UE et Suisse : €35,00 EUR – annuel
Monde : €40,00 EUR – annuel

Nom, Prénom et Téléphone
Adresse complète (Pays)

 

Faites un don

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ