Menu Close

كۈتۈپخانا

ئۇيغۇر رايونى كۆپ يىللاردىن بېرى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر، تىللار ۋە بىلىملەرنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولۇپ، بىز ئۈچۈن چايخانىغا بىر كۈتۈپخانا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئاساسىي ئىشنىڭ بىرى ئىدى. بۇ كۈتۈپخانا چايخانا تاملىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژۇرنىلىمىزنىڭ تولۇق قىسىملىرى، باشقا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ژۇرنال ۋە كىتابلار ۋە شۇنداقلا فىرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر رومان ۋە ئەسەرلەر، ئۇيغۇرلار، باشقا تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت ھەرخىل تىللاردىكى كىتاپلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

 

بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان يەنە بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ ئىنىستىتۇتقا كەلگەن ھەربىر كىشىنىڭ بىر يېڭى نەرسە بىلىۋېلىشى، بىلگەننىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۆگىتىشىدۇر. ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولغانلار ئالدىنقى قىسىملارنى بۇ يەردىن كۆرەلەيدۇ. ئۇيغۇرچە ئوقۇيالايدىغانلار بۇ ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بەزى ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تور نۇسخىسىنى كۆرسە بولىدۇ.  

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ