Menu Close

پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى

قويۇلغان ھەپتىلىك تەربىيىلىنىش كۇرسلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ :

تىل دەرسلىرى : دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئۈچۈن، ئۈچ يىلدىن بېرى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئانا تىل سىنىپلىرى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇلىدۇ.  باشقا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى دەرسىدىن باشقا، ئىنىستىتۇت يەنە فىرانسىيەگە كېلىپ ئۆزلىشىش ۋە سىڭىش ئۈچۈن ياردەمدە بولىدىغان فىرانسۇز تىلى دەرسى، ئۈگىنىش نىيىتى بولغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تۈرك تىلى ۋە ئېنگىلىز تىللىرى دەرسى تەسىس قىلىدۇ.

– ئۇسسۇل دەرسى : خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئەرەب، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندى پۇراقلىرى بىرلەشكەن، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نەپىس ۋە مۇرەككەپ ئۇسسۇل بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۈگىتىش بۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى باش تارتىپ بولالمايدىغان بىر ۋەزىپە.

ئۇيغۇر مۇزىكا دەرسى : خۇددى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دىئاسپورادا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھېس قىلىش ۋە پەخىر تۇيغۇسى پەيدا قىلىشتا، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بىلەن ئوينايدىغان رولى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇر مۇزىكا دەرسى خۇددى ئۇسسۇل دەرسىگە ئوخشاشلا، بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم دەرس.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخ دەرسى : ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرى دەرسلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن، بالىلار تىلىدا تەييارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى زامان تۈركىي دۇنياسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان مەشھۇر ئەربابلىرى ھەققىدە مەخسۇس دەرس ئېچىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ