Menu Close

پائالىيەتلەر

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەسلى ئاساسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئىنىستىتۇتىمىز ئون يىل مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن تولغان، ناھايىتى مول بىر پائالىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە. يەنى مەدەنىيەت بايراملىرى، تەتقىقات كۈنلىرى، كونسېرتلار، ھۆججەتلىك فىلىم ئاخشاملىرى، خاتېرىلەش پائالىيەتلىرى، تۈركىي ۋە پارس خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان نورۇز بايرىمى … قاتارلىقلار بۇ ئون يىللىق ئۇيۇشما ھاياتىنى جانلاندۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ھەر يىلى ئوغۇز ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنگەن نورۇز بايرىمى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر چىگراسى، ئىدىيە ماجراسىسىز بىر ئارىغا كېلەلەيدىغان بىردىنبىر ئورتاق يىغىلىش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈنمۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى جانلىق تۈستە ياشايدىغان ۋە ھېس قىلىدىغان تېپىلماس پۇرسەت.

 2019-يىلى مارتتا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ، تۇنجى نورۇز پائالىيىتى پارىژ 2-رايونلۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. رايونلۇق شەھەر باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى، فىرانسىيە تۈرك فېدېراتسىيە رەئىسى قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر نورۇزىدىن بەھىرلەندى. 300 كىشىلىك زال لىق تولۇپ، سەھنە ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان كەسپى سەنئەتچىلەر بىلەن فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ بىرلىشىپ ئورۇنلىغان نادىر نومۇرلىرى بىلەن قايناپ كەتتى. بۇ قېتىمقى نورۇز ھەممىدىن فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ، تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر مەدەنىي پائالىيىتىنى كۆرگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تېپىلماس بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ، چوڭلار بىلەن تەڭ ئۇسسۇل ئويناپ، سەھنىدىن چۈشمىدى.

شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرى فىرانسىيەدىكى ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇشنىڭ تۈپ مىسالى بولۇپ، رەڭدار ۋە مول ئۇيغۇر تائاملىرى، ئاياللارغا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلگەن يىغىنلار، ناخشا-مۇزىكا كونسېرتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى فىلىملەر پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ بەردى. مەسىلەن، 2018-يىلى ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىنالكو ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدە، ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقىنى باش تېما قىلغان شېئىرلارنى بىۋاستە ۋە نەق مەيداندا بىر قانچە تۈركىي تىللارغا بىرلا ۋاقىتتا ئۆرۈش ئويۇنى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارغا كۈلكە ئېلىپ كېلىپ، خۇش كەيپىيات بەرگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى ھەققىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. بۇ پائالىيەتلەر پەقەت فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا مۇھىم كۈن بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش، ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى ئۆگۈتۈش رولىغا ئىگىدۇر. شۇڭا بىز بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشنى، فېيسبۇك بېتىمىزگە ئەگىشىشنى،تور بېتىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق مۇھىم پائالىيەت ئۇچۇرلىرىدىن چەتتە قالماسلىقنى ئۇنتۇماڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ