Menu Close

ياۋروپادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدايلى

{loadmoduleid 126}

بىر كوللىكتىپ، بىر ئورتاق غايە، بىر ئورتاق كۆڭۈلدىن ئىئانە

بۇ ئىئانە پائالىيىتىنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەشكىللىدى.

بىز كىم ؟

بىز ئون يىلدىن بېرى، پارىژدا ئورتاق نىشاندا بىرلىكتە ئۇيۇشما پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە ياۋروپالىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كوللىكتىپ. گۇرۇپپىمىز ئىجدىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى، كومپىيوتىر مۇتەخخەسسىلىرى، شىركەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار يەنە شۇنداقلا يېمەك ساھەسى خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەممىمىز ئۆز خىزمىتىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن سىرت، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ڧىرانسىيەدە تارقىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ كەلدۇق. كوللىكتىۋىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ دەل ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە پەرقلىق ساھەلەردىن كېلىپ چىققان ئەزالار توپلىمى بولغانلىقىدىدۇر.

نېمە قىلماقچىمىز ؟

پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ھەر بىرىڭلارغا ئېھتىياجلىقمىز !
ئون يىللىق كۆچمەن ئۇيۇشما تەجرىبىمىزنىڭ كۈچى بىلەن، خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر مەخسۇس ئورۇن تۇتۇشنى قارار قىلدۇق. مەقسىدىمىز ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يېڭىدىن قېتىلىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزغا ياخشى ئۈگىتىش، ياۋروپالىقلارغا باي مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتۇش، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە سادىق ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ئىلغار ياۋروپالىق ئۇيغۇر ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. ئىنىستىتۇت يەنىلا ئۇيۇشما خاراكتېرلىك بولۇپ، يەنە ئاساسەن كۆڭلى – كۆكسى كەڭ، ئىنسانپەرۋەرلىكى كۈچلۈك، ھەر ساھە، ھەر مىللەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەقسىز ۋە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە تارقىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

نېمىشقا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېچىش زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي خەلقلەردىن بىرى، شۇنداقلا ئەڭ ئاۋال شەھەرلەشكەن تۈركى خەلق بولۇپ، پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭلا ياكى تۈرك دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىر شانلىق تارىخ ۋە كۈچلۈك مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت. 70 يىلدىن بېرى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچ يىلدىن بېرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مىللىي يوقىلىش خەۋپىدە تۇرماقتا. ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارغا مەنئىي قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمەكتە. تىل ۋە مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ كىملىك ئاچقۇچلىرى، بۇ ئىككى ئېلىمىنىت يوقىتىلسا، مىللەت تامامەن يوقاپ كېتىدۇ. تارىختا بۇخىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدا يوقاپ كەتكەن مىللەتلەر ئاز ئەمەس.

مۇشۇنداق بىر تارىخى باسقۇچتا، ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن ۋە بۈگۈن ۋەتەن سىرتىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بۇ دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە تولۇق ۋە توغرا يەتكۈزۈش بىلەنلا قالماي، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يەرلىكلەرگە تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىمۇ ئۆز سېپىمىزگە تارتىشىمىز، تاكى ۋەتەن ھۆر بولغانغا قەدەر بۇ گۆھەرلىرىمىزنى قوغدىشىمىز بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىز.

بۇ ئورۇننىڭ ئاددىي بىر مەدەنىيەت ئۆيى ئەمەس بەلكى بىر ئىنىستىتۇت بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فىرانسىيەدە شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلىرىدە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە مەسلىھەتلىشەلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كونكېرت مەسىلىلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر رەسمىي ئىلمىي ئورگان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقالىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىستىتۇتنىڭ خىزمەتلىرى ئىچىدە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە – نەشرىيات خىزمىتىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

نېمىشقا مەزكۇر ئىنىستىتۇت پارىژدا ئېچىلىدۇ ؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنى ئۈچۈن پارىژنى تاللىشىمىز ئىنتايىن تەبىئى بىر قارار ئىدى. چۈنكى مەزكۇر ئىنىستىتۇت ئون يىلدىن بېرى پارىژنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغان ئوغۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىيات نەتىجىسى. ئوغۇز ئۇيۇشمىسى بۇ ئون يىل جەريانىدا فىرانسىيەنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئەڭ جانلانغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئوغۇز ئۇيۇشمىسى تەركىبىدە 2013-يىلدىن بېرى، تۇنجى غەرب تىلىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ژورنىلى «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» نەشىر قىلىنىپ كەلدى. ئوغۇز ئۇيۇشمىسى ياۋروپادىلا ئەمەس، پۈتۈن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرشۇناسلىق، ئۇيغۇرپەرۋەرلىك مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنى يارىتىپ بەردى. قىسقىسى، بۇ ئون يىل جەريانىدا، فىرانسىيە ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدى.

گەرچە ئىنىستىتۇتنىڭ مەركىزى ئورنى پارىژ بولسىمۇ، ئەمما دەرۋازىمىز ئېچىلىپ، ئەھۋالىمىز سەل مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار قويۇق ئولتۇراقلاشقان ئاساسلىق دۆلەتلەردە شۆبە تەسىس قىلىمىز. ھەر بىر دۆلەتتىن بىر ئايال ۋە بىر ئەر زىيالىي ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەكىلى بولۇپ بەلگىلەندى.

ئىنىستىتۇت بىناسىنىڭ كىملەرگە پايدىسى بار ؟

ئىنىستىتۇتنىڭ بىر بىناغا ئىگە بولۇشى ئالدى بىلەن دىئاسپورادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە پايدىسى بار. ئۈچ يىلدىن بېرى بىز پارىژدا ئانا تىل مەكتىپى ئاچتۇق ۋە بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئانا تىل دەرسىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇل دەرسلىرى تەسىس قىلدۇق. ھازىرچە ئانا تىل ئۈچۈن ئۈچ ئوقۇتقۇچى، مەدەنىيەت دەرسلىرى ئۈچۈن ئىككى ئوقۇتقۇچىمىز بار.

ئىنىستىتۇتىمىز تەركىبىدىكى پارىژ ئانا تىل مەكتىپى مانا ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى ۋە بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرى ۋە ئۇسسۇلى دەرسلىرىنى باشلىدى. ئەمما ئۆز ئورنىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىت ۋە ئورۇن مەسىلىسىدە، شۇنداقلا يەنە باشقا دەرس ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور قېيىنچىلىقلار مەۋجۇت. بالىلار ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن تارتىپ، ئائىلىدە گەرچە ئاتا-ئانىلار ئۇيغۇرچە سۆزلىسىمۇ، ھەپتىدە بىر قېتىم ئانا تىل دەرسىگە بارسىمۇ، ئەمما بىر-بىرى بىلەن يەنىلا تۇرىۋاتقان دۆلىتىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىشى، ئانا تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە قىينىلىشى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق دۆلىتىمىزگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش پۇرسىتىمۇ ئىنتايىن ئاز. ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ياۋروپادا چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئۆز مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلمەسلىك، شۇ سەۋەپلىك پەخىرلەنمەسلىك ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتكەن مەخسۇس بىر ئورۇننىڭ بولۇشى ۋە بۇ ئورۇننىڭ ئىلغار، ئىلمىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن مۇنتىزىم بولۇشى، ھەم پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى كېلىدىغان، باشقىلارغا پەخىرلىنىپ كۆرسىتىدىغان بىر كونكېرت ئورۇن بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

قىلماقچى بولغان بارلىق پائالىيەتلەر، ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسى، ئىنىستىتۇت نەشرىياتى ۋە ئۇيغۇر چايخانىسى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورۇن بولمىسا، بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ناھايىتى قېيىنغا توختايدۇ.

ئىنىستىتۇت قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ ؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنى ئىككى قىسىملىق بولۇپ، بىرىنچى قىسمى كۈتۈپخانە ۋە چايخانىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئىككى تەرەپتىكى تاملىرىغا پۈتۈنلەي كۈتۈپخانە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار، تۈركى خەلقلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت بارلىق تىللاردىكى كىتاپلار قويۇلىدۇ. چايخانىغا كەلگەن كىشىلەر بۇ كىتاپلارنى چاي ئىچكەچ ئوقۇيالايدۇ. پۈتۈن ئىنىستىتۇت بىناسى ئۇيغۇرچە بېزىلىدۇ، ۋىۋىسكا ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە ۋە فىرانسۇزچە يېزىلىدۇ. ئىنىستىتۇت خادىملىرى ئۇيغۇرچە كېيىنىدۇ.

ئىككىنچى قىسمى ئىقتىسادى شارائىتقا قاراپ ئىككىنچى قەۋەت ۋە ياكى يەر ئاستىغا يەرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان دەرسلەر، ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى دەرسلىرى تەسىس قىلغاندىن باشقا، چوڭلارغا فىرانسۇز تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ئېنگىلىز تىلى، مۇزىكا دەرسى، ئۇسسۇل دەرسلىرى تەسىس قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غەربتە ھېچ تونۇلمىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نەمۇنىلىك ئەسەرلىرى فىرانسۇزچە، ئېنگىلىزچە، نېمىسچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىنىستىتۇت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدۇ. ئوخشاشلا، غەرب ئەدەبىياتى ۋە ئىنسانپەنلىرى كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرچە ئۈگىنىش قوللانمىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياۋروپا تىللىرى ئۈگىنىش قوللانمىلىرى تۈزۈلۈپ، نەشىر قىلىنىدۇ.

توپلانغان پۇل نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ ؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى يەنىلا تاپاۋەتسىز تەشكىلات بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن ئەزالارنىڭ ھەقسىز كۈچ چىقىرىشىغا تايىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ چايخانە ئاساسى خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا مەلۇم مىقداردا رىغبەت سوممىسى بېرىلىدۇ. چايخانىنىڭ كىرىمى بىنانىڭ ئىجارىسى، ئۇششاق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

مەزكۇر تور ئىئانىسىدىن توپلانغان ئىقتىساد پارىژ شەھەر مەركىزى ياكى مەركەزگە ناھايىتى يېقىن بولغان، مېتروغا يېقىن شەھەر ئەتراپىدىن ئاز دېگەندە 120 كىۋادىرات مېتىر، ئىككى قەۋەتلىك، كوچىغا قارايدىغان بىر بىنا ئىجارىگە ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىچىگە چايخانە ۋە كۈتۈپخانە قۇراشتۇرۇش لازىم بولغاچقا، قۇرۇلۇش چىقىملىرى، ھازىر بولغاندىن كېيىن، ئىچىگە كېتىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ماتېرىياللار، سەرپىياتلار، ھەر كۈنلۈك چايخانە چىقىملىرى، رۇخسەت ھەقلىرى، چايخانە خىزمەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىغبەت ھەققى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مۆلچەرلەنگەن چىقىملار

توپلانغان ئىقتىساد تور ئىئانە سۇپىلىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بانكا ھېسابىغا كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تور ئىئانە سۇپىلىرى سىلەر قىلغان ھەربىر قېتىملىق ئىئانىدىن مەلۇم پىرسەنتنى ئۆزلىرى ئېلىۋالىدۇ، شۇ سەۋەپلىك توپلانغان ئىقتىسادنىڭ ھەممىسى ئىنىستىتۇت ھېسابىغا تولۇق كىرمەيدۇ.

سىزنى دىئاسپورادىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىنارىمىزنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن، بىر تال خىشىڭىزنى قويۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.

تاما-تاما كۆل تولار !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ