Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 1 – سان

 

 

 مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارغا نەزەر  ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!
ئۇيغۇرلارغا نەزەر پەسىللىك ئىلمى ۋە ئەدەبى ژورنىلىمىز ئاخىرى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى! مەزكۇر ژورنال سىياسەتسىز ۋە دىنى خاراكتېرسىز بولغان فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوغۇزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىز ھۆرمەتلىك كىتاپخانلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن روياپقا چىقتى. دۇنيادىكى مۇھىم تىل بولغان فرانسۇز تىلى ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ بىرلىشىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلىملىرىنى فرانسۇز تىلى كىشىلىرىگە ئىلمى نەشىر سۈپىتىدە تارقىتىشى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن، فرانسىيە ئۇچۇرلىرى، فرانسۇز تىلىنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈشى تېخى تۇنجى قېتىم. بۇ ئىككى دۇنيا ژورنىلىمىزدا يەنە ئىنسانلار ئارىسىدىكى بارلىق ئوخشىماسلىقلارنى بىر يەرگە باغلاپ بېرەلەيدىغان سەنئەت قىسمى بىلەن بىر-بىرىگە ئۇلىنىدۇ. ژورنالنىڭ تۇنجى سانىنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىنى 26-ھۇت (فېۋرال) دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، رايونىمىزدىكى خەلق سۆيگەن يازغۇچىمىز ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەتنىڭ ماقالىسى بىلەن باشلىدۇق. تۇنجى ساننىڭ مۇھاكىمە قىسمىنى ئۇيغۇرلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى چوڭ كۆچۈش تارىخى بىلەن ئاچتۇق. تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىرلەشكەن فرانسۇزچە قىسمىمىز، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخى ئاتالغۇلىرىنى شەرھىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر رايونى مىمارچىلىقىنى فرانسۇز ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى (ئىز شېئىرى) بىلەن ژورنالنى باشلىدۇق. بۇ تۇنجى قەدەمنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىنى، ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ژورنالنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى خىزمەت گۇرۇپپىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ