Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 2 – سان

 

 

 مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!

ئۇيغۇرلارغا نەزەر نىڭ بۇ سانىدا تىل ۋە كىملىكتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر ۋە فىرانسۇز مەدەنىيەتلىرىگە سوئال قويدۇق. ئىنساننىڭ تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كىملىك مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن بولۇپ، بۇنى تىلنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە ئىنسانلارنىڭ تىل قوللىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتساق، بىر تەرەپتىن، تىل ئۆزىنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى، سۆز بايلىقى ۋە بۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان سېموۋۇللۇق مەنا-ئوبرازلار ئارقىلىق بىر ئىجدىمائىي گۇرۇپپا ۋە شۇ گۇرۇپپا كىشىلىرىنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. يەنە بىر تەرەپتىن، تىل ئۈگىنىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشكە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تىلغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكىتى ۋە بۇ جەرياندىكى پوزىتسىيىسى شۇ كىشىلەرنىڭ ھەر خىل كىملىك ئامىللىرىغا (ئىجدىمائىي جىنس، كەسىپ، ئىقتىسادى سىنىپ ۋە دىن) باغلىق بولىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ قانداق سۆزلىشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىز مەلۇم نىسبەتتە كىملىكىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، مەزكۇر سانىمىز مەيلى ئۇيغۇر ياكى فىرانسۇزلارغا نىسبەتەن بولسۇن، تىل ۋە كىملىكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرچە قىسمىمىزنىڭ «ئىلمى مۇھاكىمىلەر» سەھىپىسىنى ئەسەرلىرى خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن يازغۇچىمىز ئەسئەت سۇلايماننىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كىملىك ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە بېغىشلىدۇق. ژورنىلىمىز تەھرىرى گۈلخۇمار فىرانسىيەدىكى ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بەھرلىنىشىگە سۇنىدۇ. فىرانسۇزچە قىسمىمىزنىڭ ئىلمى مۇھاكىمىسىنى جىيۇلىيا كابراسنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تىل سىياسىتى ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدىكى ئانالىزىغا قاراتتۇق. «ئەدەبى ئانالىز» سەھىپىمىزدە بولسا، كېۋىن ئېيبەخ فىرانسۇز ئوقۇرمەنلەرنى ئۇيغۇرلاردىكى دائۇدىت تەسىرى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، «ئەڭ ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق، تىل بىلەن مىللى كىملىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، تۇنجى سانىمىزنى سۆيۈپ ئوقۇغانلىقىڭلار ۋە بەرگەن ئىلھاملىرىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈىمىز. قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلار بويىچە، قىسمەن جەھەتلەردە مەزكۇر ژورنالغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردۇق. تەھرىر بۆلۈمىمىزگە داۋاملىق ئەسەر ئەۋەتىشىڭلارنى، ژورنىلىمىزنى ئەتراپىڭلاردىكىلەرگە داۋاملىق تەۋسىيە ۋە تەشۋىق قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ