Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 3 – سان

 

 

 مۇھەررىردىن
ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!

ژورنال گۇرۇپپىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋاقتىدا مەزكۇر ساننى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئالدىرىغان بولساقمۇ، ئەمما سۈپەتلىك ماقالىلەرنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن ھەمدە قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن ئەسەرلەر ئۈستىدە قايتا-قايتا ئىشلەش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاپتورلار بىلەن يېنىش-يېنىش ئېلخەت ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، مۇددەتتىن ئارتۇق ۋاقتىمىز سەرپ بولدى. شۇنداقتىمۇ مانا ئاخىرى سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئالاھىدە سانىمىز ئىلمى ۋە ماددى جەھەتتىن كۆزلىگەن سۈپەتكە يېتىپ نەشىردىن چىقتى.

بۇ قېتىملىق سانىمىزنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىرىنجىسى ئاساسلىق تېمىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرىغا بېغىشلاندى. شۇنداق قىلىپ، ئەدەبىيات سەھىپىمىزدە ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ھازىرقى ئەڭ مۇنەۋۋەر شائىر ھېساپلانغان ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبى توغرىسىدا توختالدۇق. ژورنالنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان « مۇھاكىمە » سەھىپىمىزدە بولسا، ئۇيغۇر تورلىرىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە تارقىتىلغان ئاياللار توغرىسىدىكى ماقالىلەردىن ئۈچنى تاللاپ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئاياللار ئوبرازىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى ھەققىدە ژورنىلىمىز مۇھەررىرلىرىدىن كامىيې گرىن ۋە دىلنۇر رەيھانلارنىڭ تەھلىلىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

مەزكۇر ساننىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى بولسا، فرانسۇزچە قىسمىمىزنىڭ كىرىش سەھىپىسى بولغان « ئۇيغۇر رايونىغا نەزەر » دىن باشقا ئىككى تەرەپتىكى بارلىق ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش. شۇ سەۋەپتىن، ماقالىلەر يېنىغا « قىسقىچە مەزمۇن » بېرىلمىدى.

« فرانسىيەدە ھايات » سەھىپىمىزدە فرانسىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىچىدىكى مەرغۇبە ئابدۇغەنىنىڭ فرانسىيە سەرگۈزەشتىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان پراكتېكا تېپىشتىكى ئۇسۇللار ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار توغرىسىدىكى ئويلىغانلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن بەھىرلەندۈرۈشكە بەردۇق. « ئۇيغۇر تىلى » ۋە « فرانسۇز تىلى » دەرسلىرى بۇ ئىككى تىلنى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى. « خەۋەرلەر » بېتىمىزدە بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خاتىرە كۈنى بولغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى ھەققىدىكى ئويلار ۋە تەسىراتلارغا قايتىپ كەلدۇق.

ئۇيغۇر ئاياللارغا بېغىشلانغان مەزكۇر سانىمىز پەقەت بۇ تېمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئەسەرلەر، ئىلمى ماقالىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن كىيىنكى سانلىرىمىزدا بىز يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى توغرىلىق كۆپ توختىلىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىق نۇقتىلىرىدا تەتقىق ئېلىپ بارىدىغان ئىلمى خادىملارنىڭ بىزگە ئەسەر يوللىشىنى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلمى تەتقىقات بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ئىنسان پەنلىرى ئىچىدىكى غوللۇق بىر ئىلىم ئورنىغا كۆتۈرۈشكە تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا بارلىق قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزگە باھارلىق ئىللىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە، يەنە ژورنىلىمىزنى ھوزۇر بىلەن سۆيۈپ ئوقۇشىغا تىلەكداشمىز !

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى خىزمەت گۇرۇپپىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ