Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 6 – سان

 

 

مۇھەررىردىن

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، ئالدى بىلەن بۇ سانىمىزنىڭ قولۇڭلارغا كېچىكىپ تەگكەنلىكىدىن ئەپۇ سورايمىز. ئوقۇش ۋە تۇرمۇشتىن تاشقىرى، پىدائىيلىق بىلەن مۇشۇنداق بىر ئىلمىي ژۇرنالنى ۋاقتىدا چىقىرىش بەسى مۈشكۈل ئىش. بۇ ساندىن باشلاپ، ژورنىلىمىزغا يېڭى سەھىپە قوشۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى فىرانسىيە تۇرمۇش- بىلىم ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ،فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ياكى قىسقا مەزگىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان (تۇققان يوقلاش، ساياھەت) لارنى فىرانسىيە قانۇن-تۈزۈملىرىدىن خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق.

ژورنىلىمىزنىڭ بەت سانى چەكلىك، ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى كەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ساندا بەزى سىلەرگە تونۇش بولۇپ قالغان مەزمۇنلارنى قىسقارتىپ، يېڭى سەھىپىلەرگە ئورۇن بېرىشنى توغرا تاپتۇق. بۇ ساندا سىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «فىرانسىيەدە ھايات» سەھىپىمىزدە، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايىتقان بىر فوتوگىراف ئۇيغۇر قىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ئالدىنقى سانىمىزدا تونۇشتۇرۇلغان «تاغدىن-باغدىن» سەھىپىمىز ۋاقتىنچە قىسقارتىلدى.

بۇ ساندىكى سەھىپىلىرىمىزنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، «ئەدەبىيات گۈلزارى» قىسمىدا، ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ «ئانا» ناملىق شېئىرى تونۇشتۇرۇلدى. ھەر سانىمىزدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، «ئۇيغۇر رايونىدا ھايات» سەھىپىمىزدە، بۇ قېتىم فىرانسۇز ئىختىيارى مۇخبىر سىلۋى لاسەرنىڭ 2009-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، فىرانسىيەدە نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان «قەشقەردە ساما» ناملىق ھېكايىسى نەزىرىڭلارغا سۇنۇلدى. تىل مەستانىلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان «فىرانسۇز تىلى» سەھىپىمىزدە يېڭى دەرسىمىز داۋاملىشىدۇ.

بۇلاردىن باشقا، مەزكۇر ساندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «تۇرمۇشتىن ساۋات» سەھىپىمىزدە، جىنىسي ھۇجۇم ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىش، بۇ ھەقتىكى فىرانسىيە قانۇن-تۈزۈملىرى،ئۆزىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا ئىلمى ساۋاتلار تونۇشتۇرۇلسا، مەركىزى تېما سەھىپىمىزدە، ئۇيغۇرشۇناس، فىرانسىيە بوردو ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، رېمى كاستەتنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي سەھنىسىنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۇيغۇر مەرىپەتچىلىكىنىڭ ئويغۇنۇشى، تەرەققىياتى ۋە سىياسىي-ئىدىئولوگىيەلىك تىركىشىشلىرى ھەققىدە ئىلمىي ئاساستا يېزىلغان ماقالىسى دىققىتىڭلارغا سۇنۇلغان بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداق مەيدانغا كېلىشى، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگىچە يېتىپ كېلىپ، يېزا-قىشلاقلارغىچە ئومۇمىي يۈزلۈك كەڭ تارقىلىشى،شۇنداقلا بۇ ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرگە گۈللىنىش ئارزۇسى نىشان قىلىنغانلىقى نامايەن قىلىنغان.

مەدەنىيىتىمىزنىڭ غەرب دۇنياسىدا تونۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ غەرب ئىنسان پەنلىرى قاتارىدا مەخسۇس ئورۇن ئېلىشىنى مەقسەت بۇ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم بىرلەشتۈرۈلگەن غەرب تىلىدىكى بىردىنبىر ژورنىلىمىزنى قوللاپ كەلگەن، يېڭىدىن قوللاۋاتقان ۋە مەقسىتىمىزگە يېتىشكە تۈرتكە بولۇۋاتقان سىز ئوقۇرمەنلىرىمىزگە شۇ خوش خەۋەرنى سۇنىمىز : ژورنىلىمىز ھازىر فىرانسىيەدىكى بىر نەچچە نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. فىرانسىيە يۇقىرى پارلامېنىت، تاشقى ئىشلار، كۆچمەنلىك ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكلىرى، شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ جوڭگوشۇناسلىق، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ ژورنىلىمىزغا مۇشتەرى بولدى. ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى ھەم ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ھەم شۇنداقلا مەدەنىيىتىمىزگە قىزىققان فىرانسۇز تىلى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئوقۇشلۇقى. شۇڭا داۋاملىق بىزنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى، مۇشتەرى بولۇشۇڭلارنى، باشقىلارغا تەشۋىق قىلىپ قويۇشۇڭلارنى يەنە شۇنداقلا ياخشى ئەسەرلىرىڭلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشۇڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر خىزمەت گۇرۇپپىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ