Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 7 – سان

 

مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنىڭ قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرى،
يېڭى سانىڭلارنى يىل ئاخىرلاشقان، سوغۇق ۋە ئۇزۇن قىش كېچىلىرى يېتىپ كەلگەن بىر پەيتتە قولۇڭلارغا ئالماقتىسىلەر. مانا ژورنىلىمىزنىڭ ئۇيغۇرپەرۋەر ھەمكارلىرىنىڭ ماقالىلىرى بىلەن تولغان بۇ سانى تېخى يېڭىلا ئىسسىق باسمىخانىدىن چىقىپ، تېز سۈرئەتتە سىلەرگە قاراپ يول ئالدى.

مەزكۇر سانىمىزنىڭ مەركىزى تېمىسى ئۆتكەنكى ساننىڭ داۋامى بولۇپ، فىرانسۇز ئۇيغۇرشۇناس رېمى كاستەتنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللاردىكى جەدىدىزىم ۋە پانتۈركىزىم ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى رولى ۋە سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىدە ئىگەللىگەن ئورنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىسلاھچىلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك بۆلۈنۈشلىرى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىدۇ.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولغان دارۋازلىق بۇ سانىمىزدا ئورنىنى تاپقان بولۇپ، فىرانسۇز ۋە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ مەدەنىيەتنىڭ پەقەت ئاددى بىر تەنتەربىيە تۈرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھاۋا ۋە تۇپراق، ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن ئارىسىدىكى پەلسەپىۋى باغلىنىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.
 
» ئۇيغۇر رايونىدا ھايات» سەھىپىمىزدە بولسا، فىرانسۇز ياش مارىيوڭ رازاكارىيازانىڭ فىرانسىيەدىن چىقىپ، تايلاندنى ئاتلاپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قۇملۇقلىرىدا ئىككى ھەپتە تاۋلانغان سەپەر ھېكايىسىدىن بىر نەچچە ئارىيە سۇندۇق. ئۇنىڭ سەپەر خاتىرىسىدىن تاللىنىپ ئېلىنغان، كۈچلۈك شېئىرىي تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن، قۇم ۋە سېمۇنىت ئارىسىدا ئەللەيلەنگەن بۇ قىسقا خاتىرىلەر ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بىر فىرانسۇز قىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۆتكۈزگەن شۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ھېس قىلغان تۇيغۇلىرىنى بىلدۈرسە، فىرانسۇز ئوقۇرمەنلىرىمىزگە سېھىرگە، مۇھەببەتكە ھەم شۇنداقلا ھەيران قالارلىق زىتلىققا تولغان ۋەتىنىمىزدىن بىر قىسقا كارتىنا سىزىپ بېرىدۇ.
 
ژورنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنىڭ سەنئەت گۈلزارىنى گېرمانىيەلىك پەخرلىك رەسسامىمىز مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بېزىدۇق، شۇنداقلا بۇ گۈزەل دېكوراتسىيەنى تولۇقلاش ئۈچۈن،بۇ داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام بىلەن بولغان كۆڭۈللۈك سۆھبىتىمىزنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەزىرىگە سۇندۇق.
 
» فىرانسىيەدە ھايات» سەھىپىمىزدە بۇ قېتىم فىرانسيەدە بىئولوگىيە ساھەسىدە بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ فىرانسىيە ئوقۇش ۋە ھايات تەجرىبىلىرىدىن ئۈزۈندىلەر سۇندۇق. ئاخىرىدا يەنە مەزكۇر سەھىپىمىزدە، ئەيدىز ۋىرۇسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش ۋە نېمە قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق بىر سەلبىي باھادىن خالىي ھالدا، تەپسىلىي تىببىي ئۇسۇللارنى تونۇشتۇردۇق. بۇ مەسىلىلەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىراق ياكى يېقىندىن دۇچ كېلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئادەتتىكى تىببىي ساۋاتلارنى تونۇش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىدۇق.
 
ئەڭ ئاخىرىدا، ژورنىلىمىزدا يېقىندا بىر چوڭ فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرماقچىمىز. تەپسىلاتىنى «دىئاسپورا خەۋەرلىرى» سەھىپىسىدىن كۆرۈۋالالايسىلەر.

بۇ يېڭى سانىمىزنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرى ئىشتىن، دەرستىن چۈشۈپ، ئىسسىق ئۆيۈڭلاردا پۇتۇڭلارنى ئۇزۇن سۇنۇپ، ھوزۇرلىنىپ ئوقۇيدىغان ياخشى بىر ئوقۇشلۇق، يىل ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشىڭلاردىكى كۆڭۈللۈك ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ژورنىلىمىزنىڭ بارلىق خادىملىرى يىل ئاخىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىشىڭلارنى تىلەيمىز. 2017-يىلى كۆرۈشەيلى !
 
ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى خىزمەت گۇرۇپپىسى  

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ