Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 8 – سان

 

 

مۇھەررىردىن

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، قولۇڭلاردىكى بۇ سەككىزىنچى سان 2018-يىلى باھاردا نەشىردىن چىقىپ، دەل نورۇز مەزگىلىگە ئۈلگۈردى. بىز بۇ يېڭى يىلنى بۇلتۇر توردا ئېلىپ بېرىلغان فوتو-سۈرەت مۇسابىقىمىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن باشلايمىز. بۇ مۇسابىقىنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن ھەرخىل پاسوندا تارتىلغان سۈرەتلىرىڭلارنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىلەرنىڭ مۇسابىقىنى ئاكتىپ قوللىغىنىڭلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق قاتناشقۇچى سۈرەتلەر ژورنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىن ئېتىبارەن ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلىدۇ. مۇسابىقىدە توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۇتۇپ چىققان ئۈچ پارچە سۈرەت ئىگىسى مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە تېگىشلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.
 
مەزكۇر سانىمىزنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھايات» سەھىپىسىدە فىرانسۇز كېزەرمەن لۈسىيەن بالېيرىننىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىش جەريانىدا كېزىپ ئۆتكەن قۇملۇق تەزكىرىسىنى نەزىرىڭلارغا سۇندۇق. «ئەدەبىيات» سەھنىمىزدە بولسا، زوردون سابىرشۇناس ئابدۇرىشىت ئوسمان ۋە ژورنىلىمىز تەھرىرى ئېھسان ئىسمائىلنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەدىپ زوردون سابىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ھەققىدە توختالدۇق. ژورنالنىڭ مەركىزى تېمىسى بولغان «ئىلمى مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات» قىسمىمىزدا بولسا، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخچىسى كرىستوفېر ئاتۋۇدنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلارغا ئاساسەن، موڭغۇل ئىمپىرىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئەپسانە ۋە تارىخى كەچمىشلەرنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ موڭغۇل ئىمپىرىيەسىدىكى ئورنىنى تەھلىل قىلغان تارىخى تەتقىقات ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. مەزكۇر ماقالىدىكى تارىخى تەسۋېرلەرنى تېخىمۇ جانلىقراق يورۇتۇش ئۈچۈن، ئاۋستىرالىيەلىك ئۇيغۇر رەسسام مۇنەۋۋەر ئابدۇللانىڭ چوڭقۇر ئابستراكىتلىق تەسۋېرگە باي رەسىملىرىنى كىرگۈزدۇق.
 
بۇلاردىن باشقا يەنە، فىرانسۇز تىلى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن، فىرانسۇز تىلى دەرسىمىز يېڭى سەۋىيە، يېڭى نۇقتىلار بويىچە، ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا چۈشەندۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، فىرانسىيەدە ياشايدىغان، ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، «فىرانسىيەدە ھايات» سەھىپىمىزدە، بۇ دۆلەتتە بانكا ھېسابى ئېچىش ۋە مەجبۇرى سۇغۇرتىلار توغرىلىق ئۇچۇرلار تەمىنلىدۇق.
 
2017- يىلى، خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان يەنە بىر تەتقىقاتچىدىن ئايرىلدۇق. يەنى فىرانسۇز تارىخچىسى، جوڭگوشۇناس فرانسوۋاز ئوبەن كېسەل سەۋەبى بىلەن، بۇلتۇر 7-ئايدا 85 يېشىدا بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. گەرچە بەكرەك موڭغۇلشۇناس بولسىمۇ، ئوبەن خانىم ھايات ۋاقتىدا، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى ۋە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. فىرانسىيە ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىمۇ باشتىن-ئاخىرى قوللاپ، بىز ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات يىغىنلىرىغا سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، چاقلىق ئورۇندۇقتا بولسىمۇ، باشقا بىر شەھەردىن ئاتايىن كېلىپ قاتنىشاتتى. ئوبەن خانىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا قوشقان ئەجرىنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز !
 
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلى ۋە نورۇزىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز !
 
ئۇيغۇرلارغا نەزەر خىزمەت گۇرۇپپىسى  

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ