Menu Close

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژۇرنىلى

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى يېرىم يىللىق ئىلمى ۋە مەدەنىيەت ژورنىلى بولۇپ، 2013- يىل باھاردىن بېرى ھەر يىلى ئىككى سان نەشىردىن چىقىۋاتىدۇ.  ئۇيغۇر، فىرانسۇز ۋە باشقاتەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئۇيغۇرچە ۋە فىرانسۇزچە تىللاردا ئېلان قىلىدۇ. ژورنال قوش تىللىق بولۇپ، 30 بېتى ئۇيغۇرچە، 30 بېتى فىرانسۇزچە مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان. ژورنال ئىلمىي كومېتىتى فىرانسۇز، ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىق ئۇيغۇرشۇناس، تۈركولوگ ۋە خىتايشۇناسلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئونغا يېقىن تەتقىقاتچى ئىلمى مەزمۇنلارنى تەھرىرلەيدۇ. ھازىرغا قەدەر، فىرانسىيەدىكى ئون ئۇنىۋېرسىتىت، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە فىرانسيە سىرتىدىكى فىرانسىيە تەتقىقات ئىنىستۇتلىرى ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ، فىرانسۇز تىلىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ژورنال ۋە غەرب تىلىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرشۇناسلىق ژورنىلى ھېساپلىنىدۇ.
                        

                      

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى ھازىرغىچە پەقەت باسما نۇسخىدا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ژورنالنىڭ باسما نۇسخىسىغا مۇشتەرى بولغان ئوقۇرمەنلىرىمىز مەخسۇس شەخسىي كود بىلەن تور نۇسخىسىنىمۇ تور بېتىمىزدە كۆرەلەيدۇ. ھازىرچە تور بېتىمىزنىڭ زىيارەتچىلىرى ھەر بىر سان ژورنالنىڭ مۇھەررىر سۆزى ۋە مۇندەرىجىسىنى ئوقۇيالايدۇ ۋە ئىچىدە قايسى ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان قانداق ئەسەرلەر بار ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى سانلارنى سېتىۋالالايدۇ.

 

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى يىلدا ئىككى سان چىقىدىغان بولۇپ، ھەر بىر سانى 64 بەت، يېرىمى ئۇيغۇرچە، يېرىمى فىرانسۇزچە. ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ماقالىلىرى، قالغانلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە فىرانسىيەدە ياشاشتا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر. ژورنالنىڭ فىرانسۇزچە قىسمىدا توققۇز ياش تەتقىقاتچى بولۇپ، تەڭدىن تولىسى ئۇيغۇرشۇناس ۋە ئاساسەن فىرانسىيە، ئامرېكا ۋە ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتلىرىدا ئوقۇتقۇچى. ئۇيغۇرچە قىسمىدا مۇقىم تەھرىرلەر پەقەت ئىككى-ئۈچ، قالغانلار قوشۇمچە تەھرىرلەر. ژورنالنىڭ تېخنىكا قىسمىدا ئىككى ياش ئۇيغۇر يىگىت ژورنالنىڭ پۈتۈن گۈزەل-سەنئەت لايىھىسى ۋە ژورنال تىزىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا مەسئۇل. ژورنالنىڭ بېسىلىش تىراژى 500 بولۇپ، ھەر بىر سانغا جەمئىي 3000 ياۋرو كېتىدۇ. ژورنالدىكى بارلىق خادىملار خىزمىتى، ئائىلىسى ۋە ئوقۇشىدىن ۋاقتى چىقىرىپ، ھەقسىز مۇشۇ ژورنالغا ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە تېخى ئۆزى ھەقسىز ئىشلەيدىغان ژورنالغا پۇل تۆلەپ مۇشتەرى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنى قوللىغان  ئورگانلار

2013- يىلىدىن ئېتىبارەن، قوش تىللىق  ئىلمى ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرىدىكى  ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى ھازىرقى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسى بولغان فىرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوغۇز تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. ھازىرغىچە بۇ ژورنال غەرب تىلىدىكى، بولۇپمۇ فىرانسۇز دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرشۇناسلىق ژورنىلى ھېساپلىنىدۇ. فىرانسىيەدە ئالاھەزەل ئون ئۇنىۋېرسىتېت بۇ ژورنالغا مۇشتەرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى فىرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرىدىن «سىياسىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى». ژورنالنى رەسمى تۈردە قوللايدىغان ھەمكار ئورۇنلاردىن فىرانسىيە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزىگە قاراشلىق فىرانسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى، فىرانسۇزچە-نېمىسچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەر تورى نوۋاستان ۋە فىرانسۇزچە ئاسىيا ئەدەبىيات مەجمۇئەسى ژېنتايۇ قاتارلىقلار بار. بۇ تەتقىقات ئورگانلىرىدىن باشقا، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىقلارغا ھەر بىر سان ژورنالنى قەرەللىك ئەۋەتىپ تۇرىمىز. فىرانسىيە كۆچمەنلىك ئىشلىرى ئىدارىسى بولغان ئوفپىرا ۋە مۇساپىرلار يۇقىرى سوتى، فىرانسىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار، فىرانسىيەنىڭ جوڭگودا، تۈركىيەدە، قىرغىزىستاندا ۋە ئامرېكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى ئاناتولىيە تەتقىقات مەركىزى بۇ ژورنالغا مۇشتەرى. بۇ ئورگانلار ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىشەنچلىك ماتىرىيالى. كۆچمەنلىك ئىشلىرى ئورگانلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ھەققىدىكى قاراش ۋە قارارلىرىدا پايدىلىنىغان رەسمى ماتىرىيال. ژورنال جوڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 دۆلەتكە تارقىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنى نېمە ئۈچۈن قوللايمىز؟

ژورنالغا مۇشتەرى 100 كىشى ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېرىمى فىرانسۇزلار، يېرىمى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مىليون نوپۇس دېسەك، فىرانسىيەدىكىلەر 500 بىلەن 1000 ئارىسىدا. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە، ژورنالغا مۇشتەرى بولغانلار 50 كە يەتمەيدۇ. ژورنالنىڭ فىرانسيەدىكى بىر يىللىق مۇشتەرىلىكى 20 ياۋروغا يەتمەيدۇ. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن بولسا 30 ياۋرودىن ئاشمايدۇ. «بىچارە» ھېساپلانغان «بىر كىچىك ئاز سانلىق مىللەت» نىڭ مۇشۇنداق ماتېرىيال ۋە مەزمۇن سۈپىتى جەھەتتە مۇشتەرى ئورگانلارنى ھەيران قالدۇرۇپ ۋاھ دېگۈزگەن بۇ بىردىنبىر ئىلمى ژورنالنى مىللەتداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى، ئاسرىشى ۋە بىرلىكتە تەرەققى قىلدۇرۇشنى بۇرچ دەپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ژورنال سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىمۇ دەل مۇشۇ قوللاشلاردىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. بۇ ژورنالنىڭ ھەر بىر سانى ئۈچۈن، ھەقسىز ئىشلەيدىغان ژورنال خادىملىرىنىڭ يېرىم يىللىق قان-تەرى سىڭىدۇ. ئۇيغۇرلارغا نەزەر ژورنىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىقكى، ئەگەر بۇ ژورنال توختاپ قالسا، ئۇنىڭ زىيىنى، بولۇپمۇ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ۋە بۇ يەرگە كەلمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئانا تىل خرىسقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئانا تىلىمىزنى جان-دىلىمىز بىلەن قوغداۋاتقان ژورنال خادىملىرىنىڭ ئەمگىكىنى   قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇرلارغا نەزەر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرپەرۋەرلەرنىڭ ژورنىلى!

{loadmoduleid 111}

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ